Uyghur主要词典
بالاكېئانۇ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1842) رومىنىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋالاخىيە ئارمىيىسىدە ستارشىنا بولغان. 1835-يىلى خىيالىي سوتسىيالىزمچى تېئودور. دىيامانت (1810 - 1814) بىلەن بىرلىكتە سىكائېنىنىڭ قورۇقىدا فوئۇرىئېرنىڭ پلانگېچە <دېھقانچىلىق تېخنىكىسى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىسى> نى قۇرۇپ، دېھقانلاردىن، قول ھۈنەرۋەنلەردىن ۋە ئۆزى ئازاد قىلغان يانچىلاردىن بولۇپ يۈزدەك ئادەمنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى دېھقانچىلىق ۋ قول ھۈنەرۋەنلەردىن ۋە ئۆزى ئازاد قىلغان يانچىلاردىن بولۇپ يۈزدەك ئادەمنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە مەكتەپ تەسىس قىلىپ، كۇرسانتلار ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى، سىياسىي ئىقتىساد ئۆگەنگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ كارخانا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنىپ، مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تارقىتىۋېتىلگەن. ئۇ ھىمايىچىلىرى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان، سۈرگۈن قىلىنغان.