بالا-چاقا[يەشمىسى:] ① بىر ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك، قىز-ئوغۇل بالىلار:[مىسال:] يۈسۈپ توختى: ئاتا-ئانا بىلەن بالا-چاقا ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك ۋاپادارلىق بولۇشى كېرەك، دەيتتى.[يەشمىسى:] ② ئائىلە ئەزالىرى؛ خوتۇن ۋە بالىلار:[مىسال:] ئايىمخان ئاچا: ساۋۇت، مە، بالا-چاقاڭدىن خەت كەپتۇ، دەپ يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى.