Uyghur←Chinese主要词典
باكۇنىنىزم
دۇنيا تارىخى
巴桔宁主义
bā jié níng zhǔ yì
ⅩⅨئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بارلىققا كەلگەن ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمەتسىزلىك ئىدىيىۋى ئېقىمى. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى باكۇنىن بولغاچقا، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئىدېئالىستىك تارىخىي قاراشنى ئاساس، بۇرژۇئازىيە شەخسىيەتچىلىكىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، دۆلەتنى جىمى بالايئاپەتنىڭ يىلتىزى دەپ قاراپ، ھەممە دۆلەتنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پەقەت دۆلەت يوقالسىلا، ھۆكۈمەتسىز جەمئىيەت يېتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن <ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ باراۋەرلىكى> نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسى <مۇتلەق ئەركىنلىك> تىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. سەرگەردان پرولېتارلار ۋە ۋەيران بولغان دېھقانلارنىڭ ستېخىيىلىك ھالدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە تايىنىپ ئىجتىمائىي <ھېساب ئېلىش> نى يولغا قويۇپ، دۆلەتنى بىراقلا يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پرولېتارىياتنىڭ كۈچىگە ئىشەنمەي، ئاممىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈرەشكە تەشكىللەشكە قارشى تۇرىدۇ. دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى - ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنىڭ ئاساسىي دەپ قاراپ، ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى <ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى> قىلىشنى تەرغىپ قىلىدۇ. تەشكىلىي جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەركەزلەشتۈرۈشكە، ھەرقانداق ئىنتىزام ۋە نوپۇزغا قارشى تۇرىدۇ، <سول> ئىبارىلەرنىڭ يېپىشى بىلەن، كاپىتالىزمنىڭ تەرققىي قىلىشى بىلەن سۇنغان ئۇششاق ئىلشەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك روھىي - ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ خىل ئىدىيىۋى ئېقىم فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان، روسىيە نارودنىكلار ئىدىيىۋى مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ بىرىنچى ئىنتېرناسىئونالنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي خەۋپ، ماركس ۋە ئېنگېلس <نوپۇز توغرىسىدا>، <باكۇنىننىڭ >دۆلەت تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەت< دېگەن كىتابىدىن ئۈزۈندىلەر> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭ نەزەرىيە ۋە تاكتىكىسىنى چوڭقۇر تەنقىد قىلغان.
ئۇنىۋېرسال
巴枯宁主义
bā kū níng zhǔ yì