Uyghur←Chinese主要词典
باكتېرىئوفاگ
بىئولوگىيە
噬菌体
shìjūntǐ
يەنى <باكتېرىيە ۋىرۇسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەخسۇس باكتېرىيە ھۈجەيرىسىگە يۇقۇپ ئۇنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس. ئۇ ئادەتتە قۇمىچاقسىمان بولىدۇ، مىكروشار شەكىللىك ياكى يىپ شەكىللىكلىرىمۇ بولىدۇ. بارلىق باكتېرىئوفاگنىڭ تەركىبىدە بىر خىل نۇكلېئىك كىسلاتا، يەنى قوش زەنجىرلىك DNA ياكى تاق زەنجىرلىك DNA ياكى تاق زەنجىرلىك RNA بولىدۇ، ھازىرغىچە تۈركىبىدە قوش زەنجىرلىك RNA بارلىرى تېخى تېپىلمىدى. ئاقسىلمۇ باكتېرىئوفاگنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى، باكتېرىئوفاگنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۇنى ئومۇمەن باكتېرىيە بار ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدىن تاپقىلى بولىدۇ. باكتىرىئوفاگ يۇقىرى دەرىجىدە مەخسۇسلاشقان بولغاچقا، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مىكروئورگانىزملار كلاسسىفىكاتسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مولېكۇلا بىئولوگىيىسى، مولېكۇلا گېنېتىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاكتىنومىتسېس، كۆك باكتېرىيە، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ۋە بەزى ئىپتىدائىي ھايۋانلاردىن باكتېرىئوفاگ تېپىلىدۇ. ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاكتىنومىتسېس فاگى، كۆك باكتېرىيە فاگى ۋە ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغ فاگى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى باكتېرىئوفاگلار پارازىت ئىگىسى ھۈجەيرىسىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنى يېرىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ھۈجەيرىسىدە پارچىلانمىغان ھالەتتە ساقلىنىدۇ. بۇ مۆتىدىل باكتېرىئوفاگ دەپ ئاتىلىدۇ.
تېببىي
噬菌体
shì jūn tǐ