Uyghur←Chinese主要词典
باكتېرىيە تۈكى
بىئولوگىيە
菌毛
jūnmáo
<چاچما تۈك> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى گرام مەنپىي باكتېرىيىلەر (مەسىلەن، ئۈچەي باكتېرىيىلىرى) نىڭ ھۈجەيرە يۈزىدە بولىدىغان قىل ئاياغدىن قىسقا ھەم كىچىك، دولقۇنى بولمىغان بىر خىل تۈز يىپسىمان يېپىشقۇچى تەن. ئۇنىڭ ھۈجەيرىدىكى فىزىئولوگىيىلىك رولى، بەزىلىرىدە ئىرسىيەت ماددىلىرى ئۆتىدىغان يول بولىدۇ، يەنى ئىرسىيەت ماددىسى تەمىنلىگۈچى ھۈجەيرىدىن ئۇ ئارقىلىق قوبۇل قىلغۇچى ھۈجەيرىگە ئۆتىدۇ، شۇڭا ئۇ باكتېرىيىنىڭ جىنىسىي تۈكى (باكتېرىيە تۈكى - F) دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى يېپىشقۇچى ئورگان بولىدۇ. ھۈجەيرە ئۇ ئارقىلىق باشقا ھۈجەيرە ياكى قاتتىق نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە يېپىشىۋالىدۇ. مېخانىكىلىق قوچۇش ئارقىلىق ئۇنى ھۈجەيرە يۈزىدىن ئاجرىتىپ، سېنترىفوگلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يىغىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ ئاقسىلدىن تۈزۈلىدۇ.