Uyghur←Chinese主要词典
باكتېرىيە فىلتېرلىگۈچ
بىئولوگىيە
细菌滤器
xìjūnlǜqì
سۇيۇقلۇقتىكى باكتېرىيىنى چىقىرىۋېتىدىغان بىر خىل ئالاھىدە فىلتېرلىگۈچ. ئۇ ئاساسەن ئىسسىقلىققا نىسبەتەن تۇراقلىقلىقى ناچار بولغان ئېرىتملەردىكى باكتېرىيىنى سۈزۈش ۋە ۋىرۇسنىڭ سۇسپىنزىيىلىك ئېرىتمىسىنى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. باكتېرىيە فىلتېرلىگۈچىنىڭ فىلتىېر تاختىسىنىڭ بەزىلىرى تاشپاختىدىن ياسىلىدۇ (مەسىلەن، زېيىس فىلتېرلىگۈچى). بەزىلىرى گرېمنىيلىق يۈسۈن توپىسى بىلەن تاشپاختا ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ (مەسىلەن، باكتېرفىس فىلتېرلىگۈچى)، بەزىلىرى ئاق چىنە توپىسى بىلەن كرېمنىيلىق قۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ (مەسىلەن، چامبېرلىن فىلتېرلىگۈچى)، بەزىلىرى ئەينەك ئۇۋىندىلىرىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. (مەسىلەن، ئەينەكلىك فىلتېرلەپ باكتېرىيە يوقاتقۇچ). فىلتېرلىگۈچنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ شامالدا قۇرۇتۇش كېرەك. ھازىر باكتېرىيە فىلتېرلەش پەردىسى ئارقىلىق باكتېرىيىنى چىقىرىش ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. باكتېرىيە فىلتېرلەش پەردىسىنىڭ بەزىلىرى كوللودىينا ئىزوپېنتانول بىلەن ئاتسىتوننى ئارىلاشتۇرۇپ قۇرۇتۇپ ياسىلىدۇ، بەزىلىرىنىتراتلاشتۇرۇلغان سېلۇلوزا بىلەن ئاتسىتىك كىسلاتالىق سېلۇلوزىنى يۇقىرى دەرىجىدە ساپلاشتۇرۇلغان ياردەمچى ماتېرىياللار بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ياسىلىدۇ. باكتېرىيە فىلتېرلىگۈچ (ياكى فىلتېر پەردىسى) فىلتېر تاختىسى ياكى فىلتېر پەردىسىدىكى تۆشۈكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن بىر قانچە تىپقا بۆلۈنىدۇ.