Uyghur主要词典
باج سېلىق ئىجازەت پەرمانى
دۇنيا تارىخى
ئاۋستىرىيە خان جەمەتى ئېلان قىلغان يەر باج سېلىقى توغرىسىدىكى پەرمان. 1789-يىلى ئاۋستىرىيە كورۇلى جوسېف Ⅱ يېزىلاردىكى سىنىپىي زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن پەرمان چىقىرىپ، دېھقانلاردىن ئېلىنىدىغان باج سېلىق ئۆلچىمىنى دېھقانلار كىرىمىنىڭ 71پرسەنت قىلىپ بەلگىلەپ، نەق پۇل بىلەن باج تاپشۇرىدىغان قىلغان ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ پەرمان مۇئەييەن دەرىجىدە پومىشچىكلار سىنىپىنىڭ ھوقوقىنى چەكلىگەن ھەمدە يېزىلاردىكى فېئوداللىق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىمىرىلىشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تېزلەتكەن. فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.