Chinese→Uyghur主要词典
拜占庭蒂国
دۇنيا تارىخى
ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى
شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىكى باشقىچە ئاتىلىشى. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا داكچىن ياكى فەرەنگى دەپ ئېلىنغان. مىلادى 395 - يىلى، رىم ئىمپېرىيىسى شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپول يۇناننىڭ قەدىمكى شەھىرى ۋىزانتىيىنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغاچقا، ئادەتتە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ياكى قىسقارتىپ ۋىزانتىيە دەپ ئاتالغان. زېمىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ ئۆزگەرگەن. دەسلەپ بالقان يېرىم ئارىلى، كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر، مېسوپوتامىيە ھەمدە زاكاۋكازىيىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىمپېراتور يوستىنئان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلى (527 - 556) شىمالىي ئافرىقا (كارفاگېن)، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە قۇللار، بېقىندى دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە سلاۋىيانلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئارقىلىق، ۋىزانتىيە ئاستا - ئاستا قۇللۇق جەمئىيەتتىن فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتكەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرەبلەر سىرتقا قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلغانلىقتىن، ۋىزانتىيە دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى يامانلىشىپ كەتكەن. ئەرەبلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۈرىيە، پەلەستىن ۋە مىسىرنى بېسىۋالغان. Ⅺ ئەسىردە سەلجۇق تۈركلىرى كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى ھەمدە سۈرىيە، پەلەستىن ئەتراپلىرىنى بېسىۋالغان. تۆتىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلغان. مەزگىلى (1202 - 1204 - يىللىرى) غەربىي ياۋروپادىكى فېئوداللار ۋىزانتىيە تېررىتورىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەمدە ئۇنىڭ پايتەختى كونستانتىنپولنى بېسىۋېلىپ لاتىن ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، ۋىزانتىيىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى كىچىك ئاسىياغا چېكىنىپ نىسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1261 - يىلى نىسىيە ئىمپېرىيىسى خەلقىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فېئوداللىق زۇلۇم ئېغىرلىشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ نامراتچىلىق ئىچىدە قالغان. ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە زېئالوت قوزغىلىڭى پارتلىغان 1342 - 1349(. ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ ئىچكى نىزاسى توختىماي، سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بېرىپ، دۆلەت كۈچى تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن. ⅩⅣ ئەسىرنى دەسلەپكى چاغلىرىدىن باشلاپ ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرغان. 1453 - يىلى تۈركلەر كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى يوقالغان.