Chinese→Uyghur主要词典
柏萨一柏斯同盟
دۇنيا تارىخى
بېسا - بېس ئىتىپاقى
ئالبانىيە مىللىي ھەرىكىتدىكى بىرلەشمە تەشكىلات. <بېسا - بېس> - <قەسەميات> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1899-يىلى 1-ئايدا پېيا شەھىرىدە قۇرۇلغان، شۇڭا پېيا ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەرلەر بىلەن فېئوداللار تەرەپدارلىرى بار. ۋەتەنپەرۋەرلەر تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قوراللىق قارشى تۇرۇپ، ئاپتونومىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، فېئوداللار تەرەپدارلىرى بولسا يۈزەك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قوراللىق قارشىلىق كۆسىتىشكە قارشى تۇرغان. ئىتتىپاققا سابىق پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىر ۋەتەنپەرۋەر ھاجى موللا زېكا رەئىس بولۇپ سايلانغان. ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئىتتىپاق، ئالباىيىنىڭ ئاپتونومىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1900-يىلى ئەتىيازدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.