Uyghur←Chinese主要词典
بايرۇم
دۇنيا تارىخى
柏以鲁
bǎi yǐ lǔ
قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1894-5951)دىكى دائىمىي ئارمىيىدىكى بىرخىل نام. بۇ ئارمىيە بەلكىم يېنىك قوراللانغان پىيادىلەر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە دۆلەتتىن ھەربىي سەپتە خىزمەت ئىشلىگەنلەر ئۈلۈشلۈك يەر (تېرىلغۇ يەر، ئۆي)گە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىپ سېتىشقا رۇخسەت يوق ئىدى. باشقىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغىمۇ يول قويمايتتى. <ھاممۇرابى قانۇنى>دا، پەقەت ئوغلى دادىسىنىڭ ھەربىي خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئۈلۈشلۈك يەرگە ۋارىسلىق قىلالايدۇ، ئەكسىچە مەزكۇر ئۈلۈش يەر ۋەكالىتەن ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغان باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. مانا بۇ قەدىمكى بابىلوندىكى بىر خىل مۇھىم ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى ھىسابلىنىدۇ. مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى رېدۇم، بۇ ئېغىر قوراللانغان پىيادىلەر قىسمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. <ھاممۇرابى قانۇنى>دىكى بايرۇم بىلەن بىللە تىلغان ئېلىنغان.