Uyghur主要词典
بايراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، ئارمىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى.
دۆلەت بايرىقى. قىزىل بايراق. پارتىپە بايرىقى. كومپارتىيە بايرىقىنىڭ بەلگىسى ئوغاق - پالتا ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ. يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە. بۈگۈن بايرام، يىغىندا تۇغ - ئەلەملەر لەپىلدەپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دۆلەت، تەشكىلات، ھەربىي قىسىم ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ياكى بىرەر ئىشارىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە گۈلسىز، رەڭلىك رەختتىن ياكى قەغەزدىن تۆت چاسا ۋە ياكى ئۈچ بۇرجەك شەكلىدە ياسالغان بۇيۇم؛ ئەلەم.
قىزىل بايراق. دۆلەت بايرىقى.
كۆچمە. سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات، گۇرۇپپا ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرلىكى ھەم مەقسەتلىرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان يېتەكچى غايە.
ماركسىزم - لېنىنىزم بايرىقى، كوممۇنىزم بايرىقى.
كۆچمە. كۆزقاراش، ئىدىيە، نۇقتىئىنەزەر.
بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرىمىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
تۇغ، ئەلەم؛ كۆرسەتكۈچ، بەلگە نىشان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تۇغ، بايراق، باشلامچى.