Uyghur←Chinese主要词典
بايىننئۇڭ
دۇنيا تارىخى
莽应龙
mǎng yìng lóng
(تەخمىنەن 1515 - 5811)<ھايتاۋاددى سىنبىيۇشىن>(پېگۇنىڭ ئاق پىل شاھى<دېگەن مەنىدە) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېرمىدىكى تۇڭگۇ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (1515-1581).سىڭلىسىنىڭ ئېرى تابىنشىۋىختىگە ئەگىشىپ جايلاردا جەڭ قىلىپ، خىزمەت كۆرسىتىپ داڭق چىقارغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، تۆۋەنكى بېرمىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملىگەن، 1555-يىلى ئاۋانى ئىشغال قىلىۋالغان، كېيىن شىمالدىكى بەگلىكلەرنى بۇيسۇندۇرۇپ، پۈتۈن بېرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، شەرقتە چىڭمەي قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان؛ 1564-ۋە6915-يىلى ئىككى قېتىم سىيام(ھازىرقى تايلاند) نىڭ پايتەختى ئايۇتاينى بېسىۋالغان؛كېيىن يەنە لائۇسنى ئۆزىگە بېقىندى دۆلەت قىلىۋلغان. غەربتە مانىپۇر شىتاتىغا يۈرۈش قىلغان. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرغان، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، تۆمۈر، مىس تاۋلاش، سىرلانغان ساپال قاچىلارنى ئىشلەش قاتارلىق قول سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، راھىپلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ >داموتاج<(مەشھۇر قانۇنلار توپلىمى)، >جۇسىڭشۇ<(توققۇز قىسىملىق قانۇنلار توپلىمى) قاتارلىق توپلىمىنى تۈزگەن ھەمدە ئۆزى مەشھۇر «ئاق پىل شاھ ھۆكۈمرانلىرى»نى تۈزگەن