Uyghur主要词典
بايناق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىن.
ئوغۇزچە.
3 - 241
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بايناققا ئۇۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر؛ يىلتىزسىمان غولى سېمىز مۇشقا ئوخشاپراق كەتكەن، قوۋزىقى كۈل رەڭ سارغۇچ، غولى تىك بولۇپ، يۇقىرى قىسمىدىن شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. غولىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۈچكە چوڭقۇر يېرىلغان، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى يېرىملىغان، بىرئاز چوڭراق، شەكلى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە بولۇپ، گىرۋەكلىرىدە تىكەنلىك چىشلىرى بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن، ئومۇمىي ئورىغۇچىسى قوڭغۇراقسىمان، كۆپ قەۋەتلىك، ئەڭ سىرتقى قەۋىتى پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان ياپراقسىمان ئورىغۇچى ياپراقلاردىن تەركىب تاپىدۇ، مېۋىسى ئورۇق مېۋە بولۇپ، بىر ئاز ياپىلاق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى تېرىپ بىر - ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كۈزدە يوپۇرماقلىرى سارغايغاندا قېزىۋېلىپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەملەپ يالپاقلاپ، كېپەك ياكى تۇپراق بىلەن قورۇپ ياكى قورۇپ كۆمۈرلەندۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى ھاۋاسى سالقىن، توختام سۇلارنى چىقىرىۋېتىش ئەپلىك بولغان قۇمساڭغۇ يەرلەردە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، تەر توختىتىش، ھامىلىنى ئاسراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام بايناقنى 15 گرام قانتېپەر، 12 گرام كۆمۈرلەنگەن دولانا، 15 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام كۆمۈرلەنگەن بايناقنى 12 گرام قانتېپەر، 20 گرام پىچەكگۈل، تۆت گرام ئىشلەنگەن چۈچۈكبۇيا، 12 گرام دولانا، 10 گرام ھەزىم ئېچىتقۇسى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىشتىھاسىزلىق، قورساق كۆپۈش ۋە ئىچ سۈرۈشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام بايناقنى 20 گرام ئەگرىسۇنا، 12 گرام كىرەش، 10 ئېشەكيېلىمى (ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن)، 12 بۇغا مۈڭگۈز يېلىمى (ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن)، 16 گرام ئاق چۇغلۇق، 15 گرام قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام بايناقنى 35 گرام قانتېپەر، 30 گرام سوغىگۈل، 70 گرام جۇزبۇۋا (مۇسكات ياڭىقىنىڭ مېغىزى)، 85 گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 8 گرام قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام بايناقنى 20 گرام كەتىرا، 18 گرام پىچەكگۈل، ئالتە گرام ئەمەن، 12 گرام كۆمۈرلەنگەن توشقانئوت، 15 گرام ئېشەك يېلىمى تۆت مىسقال (ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن)، 20 گرام غاز ئوت بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقتىن ھامىلە قوزغىلىپ كېتىپ قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
بايناق ئېلىمىز جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، لىن ئەن ناھىيىسى يۈچيەن رايونىدىن چىقىدىغىنى »يۈچيەن باينىقى« دېيىلىدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن1 −2 يىللىق بايناقلاردىن ئىبارەت. ياۋا ئۆسكەن تاغ باينىقى ئىنتايىن قىممەت بولۇپ ئاسان تېپىلمايدۇ.
بايناق كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كۈزدە چېچەكلەيدۇ، گۈل تاجىسى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ. مېۋىسى ئورۇق مېۋە بولۇپ، مېۋىسىنىڭ ئۈستۈنكى ئۇچىدا بىر قاتار ئايلانما پەيسىمان تاجى تۈكچىلىرى بولىدۇ. بايناقنىڭ يىلتىزسىمان غولى سېمىز مۇشتقا ئوخشايدۇ. دورا ماتېرىيالى قىلىشتا تيەن مۇسەن تېغى ئەتراپىدىن چىقىدىغان بايناق ئەڭ ئەتىۋالىقى ھېسابلىنىدۇ.
بايناقنىڭ تەبىئىتى بىرئاز ئىسسىققا مايىل بولۇپ، تەمى قېرىقراق، تەركىبىدە ئۇچۇچان مايلار بولغاچقا خۇشبۇي پۇرايدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ تەننى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكنى تارقىتىپ سۇلارنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان دورا بايناقنى توغرامچە قىلىپ گۈرۈچ بىلەن قورۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ؛ ئۆپكە سىلى (ئۆپكە تۇبېركۇليوزى) كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشتە ئۇن بىلەن قورۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ؛ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىشتا بولسا سۈت بىلەن قورۇلىدۇ. بايناق توغرامچىلىرىنى ھاراققا چىلاپ دورا قىلىشقا ياكى قايناقسۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ قۇۋۋەت دورىسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
ھازىرقى زامان تەتقىقاتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بايناق يەنە ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رولى روشەن ھەم ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىدىكەن، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن ۋە جىگەرنى ئاسرايدىكەن. ھايۋانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تەركىبىدە بايناق بولغان دورىلارنى داۋاملىق ئىچىپ بەرگەندە، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇسكۇللارنىڭ كېرىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش رولى بولىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، تېبابەتچىلىكتە يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تالنى كۈچەيتىش، نەملىكنى قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار، شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدا ئۆسىدۇ.