Chinese→Uyghur主要词典
百合
تېببىي
bǎi hé
پىيازگۈل، گۈلسامساق (گۈلسامساق ئائىلىسى پىيازگۈلنىڭ يالپاقلاپ قۇرۇتۇلغان غولى )Dيېزا ئىگىلىك
bǎi hé
گۈلسامساقDدېھقانچىلىق
bǎi hé
گۈلسامساقDئۇنىۋېرسال
bǎi hé
پىيازگۈل
گۈلسامساق
Dئۆسۈملۈك
百合(草)
bǎi hé
گۈلسامساق، پىيازگۈلDباغۋەنچىلىك
bǎi hé
گۈلسامساق
بىئولوگىيە
گۈلسامساق
گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەڭگىچە غولى شار شەكىللىك، تەڭگىچە غول يوپۇرمىقى كەڭ، بوغۇمسىز ئاق رەڭلىك بولىدۇ. غولىدا بىنەپشە رەڭ سىزىقچىلار بولىدۇ. يوپۇرمىقى تارقاق ئۆسىدۇ، ئۈستىدىكى يوپۇرمىقى ئاستىدىكى يوپۇرمىقىدىن كىچىك، تەتۈر تۆمۈنە شەكىللىك بولىدۇ. گۈلى 1 - 4 دانە، چوڭ ھەم رەڭگى ئوچۇق، كاناي شەكىللىك، پۇراقلىق، كۆپىنچە ئاق رەڭلىك، دۈمبە تەرىپى سۆسۈن قوڭۇررەك بولۇپ چېكىت بولمايدۇ. ئۇچى ئېگىلىدۇ. ھەسەل بېزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە بولىدۇ. غوزا مېۋىسى چاسا يۇمىلاق شەكىللىك قىرلىق، ئۇرۇقى كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى ئاسىيا بولۇپ جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبى، غەربىي جەنۇب، خېنەن، خېبىي، جياڭشى، گەنسۇ قاتارلىق رايونلىرىغا تارقالغان. ئۇ تاغ قاپتىلى ۋە تاش يېرىقلىرىدا ئۆسىدۇ، مۆتىدىل نەملىكنى خالايدۇ، شېغىللىق تۇپراققا ئاسان ماسلىشىدۇ. كۈز پەسلىدە تەڭگىچە غولى ۋە تەڭگىچە يوپۇرمىقى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. تەڭگىچە غولى ئەتىۋارلىق يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن كراخمال ياساشقىمۇ بولىدۇ. تەڭگىچە غولى جۇڭگوچە دۋالاشتا دورا قىلىنىدۇ. ئۆپكىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، يۈرەكنى ياخشىلاپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاساسەن يۆتىلىپ قان تۈكۈرۈش، ماغدۇرسىزلىقتىن بولغان يۈرەك سېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، گۈل سامساق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ، تەركىبىدىكى مايدىن يېمەكلىك ۋە خۇش پۇراق ماتېرىياللار ياسىلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
گۈلسامساق
بۇ پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستىدىكى تەڭگىسىمان غولى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ئەتلىك، سۇس سېرىق
رەڭلىك بولىدۇ، يەر ئۈستى غولى بىر تال بولۇپ، تىك، سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياش مايسا ۋاقتىدا،
ئايلانمىراق ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈلى ئۇچىدا ياكى يوپۇرماقلىرىنىڭ قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سۇس
جىگەررەڭ، گۈل تاجى ياپراقچىسى ئارقىسىغا قايرىلىپ تۇرىدۇ؛ مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنىغا ئالتە تال قىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىچە غولى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يەر ئۈستىدىكى قىسمى سولىشىشقا باشلىغاندا
كولىۋېلىپ، سىرتىنى ئاقلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ ياكى تەڭگچە غولىنىڭ تۈۋىنى ئازراق كېسىۋېتىپ، تەڭگىچە پارچىلىرىنى ئاجرىتىپ، قايناق
سۇغا ئاق رەڭگى تۈگىگەنگە قەدەر بېسىپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن، خام پېتى ياكى ھەسەل بىلەن قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئورمانلىقلىرى، چۆپلىك
ۋە نەم، سايە يەرلەردە ئۆسىدۇ (تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ).
قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
گۈلسامساق ۋە چىلاننىڭ ھەربىرىدىن بىر تالدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلسامساقتىن 20 گرام، تەڭگىيوپۇرماقتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 35 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى،
يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە ئاۋاز پۈتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام گۈلسامساقنى 15 گرام سۆئلەپ، 61 گرام خام ئەگرىسۇنا، 12 گرام غاز ئوتى، 10 گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، كانايچىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلسامساقتىن 20 گرام، 18 گرام ئارچا مېغىزى، 12 گرام كەرمان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە
ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.