Chinese→Uyghur主要词典
白菔江战役
دۇنيا تارىخى
بەيتېڭجياڭ جېڭى
ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو فېئودال سۇلالىلىرىنىڭ ۋيېتنامدىكى بەيتېڭجياڭ دەرياسىدا قىلغان ئۇرۇشلىرى. جەمئىي ئۈچ قېتىم بولغان. مىلادى 938-يىلى ۋيېتنام خانى ۋۇچۇەن جۇڭگونىڭ جەنۇبىي خەن قوشۇنىنى يەڭگەن. 981-يىلى ۋيېتنام خانى لى خۇەن جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى يەڭگەن. 1288-يىلى ۋيېتنام سەركەردىسى چېڭ گوچۈن جۇڭگو يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئۆمەر باشچىلىقىدىكى سۇ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەر قېتىملىقىدا ۋيېتنام قوشۇنلىرى بەيتېڭجياڭ دەرياسى سۇ يۈزىنىڭ دولقۇن سۈيىگە ئەگىشىپ كۆتۈرۈلۈش - چۈشۈشى ۋە دەريادا يوشۇرۇن خادا تاشلار بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆمۈر، ئۇچلۇق ياغاچ قوزۇقلارنى سۇ تېگىگە يوشۇرۇن قېقىپ ئالداپ ئىچكىرىلىتىش، بۆكتۈرمە قويۇپ زەربە بېرىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللانغان.