Uyghur←Chinese主要词典
بايازد
دۇنيا تارىخى
巴耶塞特一世
bā yē sāi tè yí shì
(تەخمىنەن 1347-4031)تۈركىيە سۇلتانى (1389-1402). مۇرادⅠنىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە ئەجدادلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، سېربىيە ۋە بۇلغارىيەنى بويسۇندۇرغان. 1395-يىلى ۋېنگرىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئىككىنچى يىلى نىكوپول جېڭىدە يەنە ۋېنگرىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رىتسارلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1394-1401-يىللرى كۆپ قېتىم كونستانتىنوپولغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. كىچىك ئاسىيادا، 1390-1397-يىللىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شۇ يەردىكى بەزى ئەمىرلىكلەرنى بويسۇندۇرغان. 1402-يىلى ئەنقەرە جېڭىدە تېمور تەرىپىدىن يېڭىلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.