Chinese→Uyghur主要词典
白澳玫策
دۇنيا تارىخى
ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى سىياسىتى
ئەنگلىيىنىڭ ئاۋسترالىيىگە رەڭلىك ئىراقلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى. ئەنگلىيە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تارتىپ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاۋسترالىيىگە كېلىپ ئالتۇن كولىشىنى چەتكە قاققان. ۋېكتورىيە قاتارلىق مۇستەملىكە رايونلاردا ئارقا - ئارقىدىن رەڭلىك ئىرقلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەش پەرمانلىرى جاكارلىنىپ، قۇرۇقلۇققا چىققان جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ سانىنى بەلگىلىگەن، نوپۇس بېجىنى ئېغىرلاتقان. 1881-يىلى مۇستەملىكە رايونلار ئارا كېڭەشمىدە جۇڭگولۇقلارنى چەكلەش مەزمۇن قىلىنغان ئوخشاش ماددىلار بېكىتىلگەن. 09-يىللارغا كەلگەندە بۇ خىل چەكلەش دائىرىسىگە تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىن كېلىدىغان رەڭلىك ئىرقتىكى ئىشلەمچىلەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. 1897-يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە زېمىنلەر ۋەزىرى جۇزىف چېمبېرلىن <ئاڭلاش - يېزىش سىنىقى> چارىسىنى يولغا قويۇپ غەيرىي ياۋروپا كۆچمەنلىرىنى چەكلىگەن. 1901-يىلى ئاۋسترالىيىسى< سىياسىتىنى قانۇنىيلاشتۇرغان، ھەتتا بالدۇر كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان رەڭلىك ئىرقتىكى كىشىلەرنى چېگرىدىن ھەيدەپ چىقارغان، ئەنگلىيە كۆچمەنلىرىگە بولسا قوشۇمچە ياردەم بەرگەن. 1921-يىلى دېڭىز - ئوكيان قاتنىشى قانۇنى ماقۇللىنىپ، دېڭىز قىرغىقى ترانسپورتىدا رەڭلىك ئىرقتىكىلەرنى ياللاش مەنئى قىلىنغان. «ئاڭلاش - يېزىش سىنىقى» تاكى 1958-يىلى كۆچمەنلەر توغرىسىدىكى قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن بىكار قىلىنغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1945-يىلىدىن كېيىن «ئاق تەنلىكلەر ئاۋسترالىيىسى سىياسىتى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئېغىزغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سىياسەتتە ئاشكارا چىڭ تۇرۇش تەشەببۇس ھازىرغىچە مەۋجۇت.