Uyghur主要词典
بايان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ). مۇلاھىزە، ئىزاھات، چۈشەنچە.
يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىز ۋەقەنىڭ قىسقىچە بايانى. * پاتەم ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گارمۇننىڭ بىر تۈرى.
توي كۆچۈرگەن يىگىت - قىزلار بايان چېلىپ ئۆتۈشتى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭدا پېرسوناژ، ۋەقە، شارائىت قاتارلىقلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلىدۇ، تاپشۇرۇلىدۇ، بايانسىز ئەسەر پۈتمەيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز قارىشى، پىكرى ۋە مەيدانىنى، تىلەك - ئارزۇلىرىنى ۋە باشقىلارنى سۆز بىلەن بىلدۈرمەك.
«قىلماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىرى بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتا كۆز ئېغىزدىن چاققان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. ۋەقە، ھادىسە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ ئاغزاكى ياكى يازما ئىپادىسى؛ ئىزھار، چۈشەندۈرۈش.
ئاغزاكى بايان. پىكىر بايان قىلماق.
ئى <ئەد> ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سادىر بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ھەمدە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ھېكايە قىلىنىۋاتقان قىسمى.
بايان خاراكتېرلىك ماقالە.
سۈپ. خەۋەر تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن، ئېيتىلغان.
بايان جۈملە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
مۇزىكا
رۇسلارنىڭ ئوڭ قول مېلودىيىلىك تاۋۇش قىسىملىرىنى ئاھاڭغا كەلتۈرۈپ، سول تەرەپتىكى كلاۋىئاتورىنى تەڭكەش قىلىپ تۇرۇپ چالىدىغان چوڭ تىپتىكى يېرىم ئاۋازلىق گارمونى.
بايان چالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بايان قىلىۋاتقان بىرەر ئىش، ۋەقە ۋە ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ تەپسىلاتى، بايانى؛ باياننامە.
ئۇ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر ئۈستىدىن خېلى ئوبدان بايانات بېرىپ ئۆتتى.
دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، مۇزاكىرىلەر، خەلقئارا ئەھۋال ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە مەنپەئەتدار تەرەپلەر ھەم ئومۇمىي ئاخبارات ئۈچۈن ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە ئېلان قىلىدىغان ئۇقتۇرۇش ۋە ياكى شۇ ھەقتىكى ھۆججەت.
بايانات ئېلان قىلماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خانىم، خانىش؛ ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ ئېتىلىدىغان سۆز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
باي، قىممەتلىك، ئەزىز كىشى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.