Uyghur主要词典
باغىش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇڭ، قىل، تاناب قاتارلىقلاردىن ئېشىپ تەييارلانغان، نەرسىلەرنى باغلايدىغان بۇيۇم.
ئادەتتە «ئارغامچا» ، «ئارقان» يۇڭدىن، «تانا» تانابتىن، «شوينا» ، «كۇلا» پاخالدىن ئېشىلىدۇ.
ئارغامچاڭنىڭ پۇلى تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭ پۇلىنى بەر. دادىسى ئېسىلىپ ئۆلگەن بالا ئارقاننى تىلغا ئالمايدۇ. تانا تارتقانغا ئۇزۈلمەيدۇ. ئىت باغلىغان شوينىدا پىل باغلىغىلى بولماس. باينىڭ ئارغامچىسى بولسا، كەمبەغەلنىڭ كۇلاسى بار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بېغىش.
بارماقلارنىڭ ۋە باشقا ئەزالارنىڭ بوغۇمى. قومۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭبوغۇمىغا شۇنداق دېيىلىدۇ.
1 - 475
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تانا، ئارغامچا، يىپ
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بېغىشلىنىدىغان نەرسە، ئېھسان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بېغىشلانغان نەرسە، ئېھسان؛ سەكرىمەك، ئاتلىماق.