Uyghur主要词典
باغلاق
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
مال باغلاپ قويۇلىدىغان جاي.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىلەرنى بوش، ئەركىن قىلماق.
باغلىماق، تۈگمەك، چىگمەك، تاڭماق
ئادەم، ھايۋان ۋە نەرسىنى يىپ، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن چاتماق، قاچالماس، چېچىلماس قىلىپ قويماق.
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. غۇلىغان تاغنى ئارغامچىدا باغلىغىلى بولماس. ئۆزۈڭ تۈگكەن تۈگۈننى ئۆزۈڭ يەش. باغلىماق ئاسان، يەشمەك تەس. ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى. چىگكەن چىگىشنى يەشمەك قىيىن. باغلاقلىق قويلارنى بوشىتىۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. نەرسىلەرنى باغلايدىغان باغلىق.
باغلاقتىكى ئىت ئوۋغا يارىماس (ماقال).
سۈپ. باغلانغان، باغلاغلىق؛ تېڭىلغان، تېڭىقلىق.
بىر بالاغا ئۇچرىدىم، ئىككى بالاغا ئۇچرىدىم، بوينى باغلاق بوز لاچىندەك، ئىنتىزارغا ئۇچرىدىم.