Uyghur主要词典
باغ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مېۋىلىك دەرەخ، تەڭ ۋە گۈل - گىياھلار ئۆستۈرۈلگەن يەر.
باغ - باراڭ، ئالمىلىق باغ، باغ سەيلىسى، باغ باراۋىتى. * بېقىپ يەي دېسەڭ مال قىل، يېتىپ يەي دېسەڭ باغ قىل (ماقال). * شاپتۇلدا باغ قىلما، ئۆچكىدە مال (ماقال). * بېغى بارنىڭ تېغى بار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . مېۋە - چېۋە، قوغۇن - تاۋۇزلارنىڭ ساپىقى.
بۇ قوغۇن بېغىدا جىگدەپ قاپتۇ. * قوغۇن پىشسا، بېغىدا تۇرماس (ماقال).
2 . سائەت، چېلەك ۋە سېۋەت قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇچى. سائەت بېغى، چېلەك بېغى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نەرسىلەرنى باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە، باغلىق.
باغ تەييار ئۈنچىلەرنى باغلايلى. * تۇغقاننىڭ بېغى چىڭ يەردە (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
باغلانغان نەرسىلەرنىڭ دانىسى، باغلام.
بەش باغ بېدە، بىر باغ ئوتۇن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۈلزار، گۈلشەن، باغ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۈل - گىياھلىق، مېۋىلىك ۋە دەل - دەرەخلىك جاي.
«باغچا»مەخسۇس ساھە بويىچە، كىشىلەرنىڭ ساياھەت، تاماشا قىلىشىغا تەييارلانغان جاينى كۆرسىتىدۇ.
باغنى باقساڭ، باغ بولار، پاتماق - پاتماق ياغ بولار. بېغى بارنىڭ تېغى بار. ئىستىراھەت باغچىسى. خەلق باغچىسى. ھايۋانات باغچىسى. ناباتات باغچىسى. دورا ئوت بىلەن زەھەرلىك ئوت بىر باغچىدا ئۆسىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسۋاب - سايمانلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان يېرى.
سېپى ئۆزىدىن. پۇچۇق قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك. تۇتقۇدەك سېپى يوق، قىچارغۇدەك ئېتى. تۇخۇمغا تۇتقۇچ كەتمەيدۇ. سېۋەتنىڭ بېغى چىڭ بولسۇن. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. قۇلاقنى نەدىن چىقارسا قازانچىنىڭ ئىختىيارى. جولدىسى سۇنغان پالتا كېرەككە كەلمەيدۇ. پىچاق دەستىسىنى كېسەلمەيدۇ. يىتكەن پىچاقنىڭ دەستىسى ئالتۇن. چۆگۈننىڭ تۇتقۇسى قىزىپ كېتىپتۇ. ئىشىكنىڭ تۇتقۇسىنى تۇت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
باغ.
3 - 208
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
باغ، باغلام.
ئوتۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ يېغى. ئوتۇڭ باغى _ ئوتۇننىڭ بېغى.
3 - 208
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئادەتتە ئوت - چۆپ ۋە باشقا باغلىنىپ توشۇيدىغان - يۆتكىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە بىر قۇچاق كەلگۈدەك نەرسىنى بىر باغلام قىلىپ چىغ، تا، كەندىر، توزغاق يوپۇرمىقى، مۈشۈك قۇيرۇق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تال - يوپۇرماقلىرى بىلەن باغلايدۇ. بېدە، قوناق شېخى، ئۈنچە، قوراي قاتارلىقلار يىغىۋېلىنغاندا بىر قۇچاقتىن قىلىپ باغلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بېدىنىڭ بېغى كىچىكرەك بولىدۇ. چۈنكى يېزىلاردىكى بېدە ۋە ئوت - سامان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بېدىنى كۆپرەك پۇل قىلىۋېلىش ئۈچۈن كىچىكرەك باغلاپ، بازارغا ئاپىرىپ باغ سانى بويىچە ساناپ ساتىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بوغقۇچ؛ يىپ؛ قەبىلە، ئۇرۇق؛ باغ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مېۋىلىك دەرەخ، تەك ۋە گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈلگەن يەر، مېۋىزارلىق.
ئالمىلىق باغ.
بېغى بارنىڭ تېغى بار (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان نەرسە.
ئىشتاغ بېغى.
بۇغداي، پىچان، بېدە، ئوتۇن قاتارلىقلارنىڭ باغلانغانى ھەربىر دانىسى.
بىر باغ بۇغداي.
مېۋە - چېۋە، قوغۇن - تاۋۇزلارنىڭ ساپىقى.
بېغىدا پىشىپ قالغان يەل - يېمىش.
سېۋەت، چۆگۈن، چېلەك قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇچى.
سېۋەت بېغى، چۆگۈن بېغى. چېلەك بېغى.