Chinese→Uyghur主要词典
巴甫洛夫
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
bā fǔ luò fū
پاۋلوۋDئۇنىۋېرسال
bā fǔ luò fū
پاۋلوۋ
Dمائارىپ
bā fǔ luò fū
ئىۋان پېتروۋىچ پاۋلوف(1849—1936)Dمائارىپ
bā fǔ luò fū
ئىۋان پېتروۋىچ پاۋلوف(1849—1936)Dمائارىپ
bā fǔ luò fū
ئىۋان پېتروۋىچ پاۋلوف(1849—1936)
پسىخولوگىيە
پاۋلوۋرۇس
فىزىئولوگى. ئۇنىڭ ئىلمىي تۆھپىسىنى ئۈچ مەزگىل، ئۈچ ساھەگە، يەنى يۈرەك فىزىئولوگىيىسى، ھەزىم فىزىئولوگىيىسى ۋە ئالىي نېرۋا پائالىيەتى فىزىئولوگىيىسىگە بۆلۈشكە بولىدۇ، ئۇ ھەزىم فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا شەرتلىك رېفلېكسكە مۇناسۋەتلىك نەزەرىيىلەرنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئالىي نېرۋا پائالىيىتى فىزىئولوگىيىسىنىڭ يېڭى تەتقىقات يولىنى ئاچتى. 1903 _ يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ يېڭى ساھەدە ئىزدىنىش ۋە ئىشلىتىشكە تىرىشىپ، ئالىي نېرۋا پائالىيىتى توغرىسىدىكى تەلىماتقا ئاساس سالدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقاتىغا كىرىشىپ، ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى تەلىماتى تىبابەتچىلىك، پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە پەنلىرىگە ناھايتى زور تەسىر كۆرسەتتى. 1904 _ يىلى فىزىئولوگىيە جەھەتتىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار، ئاساسلىقلىرى « ھەزىم بېزىنىڭ فۇنكىسيىسى ھەققىدىكى كونسىپىك »، « ھايۋانلارنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى ( ھەرىكىتى ) نى ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلىشتىكى 20 يىللىق تەجرىبە » ۋە « چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ فۇنكىسيىسى ھەققىدىكى كونسىپىك » ۋە باشقىلار.
دۇنيا تارىخى
پاۋلوۋ
(1849 - 1936). روسىيەلىك فىزىئولوگ. ئىلگىرى ـ ئاخىر پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتىتى تەبىئىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ فىزىكا - ماتېماتىكا پاكۇلتېتىنى ۋە تاشقى كېسەللەر تېببىي ئىنىستىتۇتىنى تۈتتۈرگەن. 1883 - يىلى تېببىي پەنلەر دوكتورى بولغان. 1890 - يىلى ھەربىي تېببىي ئىنىستىتۇتى (بۇرۇنقى نامى تاشقى كېسەللەر تېببىي ئىنىستىتۇتى) نىڭ فارما - كولوگىيە ئىلمى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1895 - يىلدىن باشلاپ، ھەربىي تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزولوگىيە ئىلمى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1907 - يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. 1924 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى پاۋلوۋ فىزىئولوگىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ئۈچ ساھەدە: يەنى يۈرەك فىزىئولوگىيىسى، ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسى ۋە ئالىي نېرۋا پائالىيىتى فىزىئولوگىيىسى تەتقىقاتى جەھەتلەردە ناھايىتى زور تۆھپە ياراتقان. خېلى بۇرۇنلا مۆتىدىل قانلىق ھايۋانلار يۈرىكىنىڭ ئالاھىدە ئوزۇقلۇق خاراكتىرىدىكى نېرۋىسىنىڭ بارلىقىنى، يۈرەك سوقۇشىنى كۈچەيتەلەيدىغانلىقى ۋە ئاجىزلىتالايدىغانلىقىنى كۆزەتكەن ۋە كېيىنكى نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئوزۇقلىنىش رولى تەلىماتىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئاساس سالغان. ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ھەرىكىتى چوڭ مېڭە پوستىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقۇمنى ئىسپاتلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقاتىغا يۈزلەنگەن ھەمدە ئىككى سىگنال سىستېمىسى تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تەلىماتى تېببىي ساھە، پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە قاتارلىق جەھەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن. 1904 - يىلى فىزىئولوگىيە ۋە تېببىي ئىلىم بويىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <ھەزىم قىلىش بېزىنىڭ رولى توغرىسىدا لېكسىيە>، <ھايۋانلار ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنى (ھەرىكىتىنى) ئوبىكتىتىپ تەتقىق قىلغان 20 يىللىق تەجرىبە> ۋە <چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يېرىم شارىنىڭ رولى توغرىسىدا لېكسىيە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.