Chinese→Uyghur主要词典
巴多利决议
دۇنيا تارىخى
باردورى قارارى
1922-يىلى ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدكى قارارى. 1922-يىلى 2-ئاينىڭ 11-، 12-كۈنلىرى، گەندى باردورى شەھىرىدە چاقىرغان خەلق كونگرېسى پارتىيىسى خىزمەت كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىنىدا ماقۇللانغان. يىغىن چاۋرا ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ ھەمدە ھىندىستاننىڭ غەيرىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن يەنىلا تەييارلىقنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئىسپاتلاپ، ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى قەرەلسىز توختىتىشنى قارار قىلىپ، دېھقانلارنىڭ غەللە - پاراق ۋە باج - سېلىقلارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئەزالىرىنى تىنىچلىق بىلەن قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. قارار خەلق ئاممىسى ۋە خەلق كونگرېسى پارتىيىسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزىغان.