Uyghur←Chinese主要词典
بادېنى
دۇنيا تارىخى
巴登尼
bā dēng ní
(1849-1909). ئاۋستىرىيىنىڭ باش ۋەزىرى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1895-1897). 1888-1895-يىللىرى گالىتسىينىڭ باش ۋالىيسى بولۇپ، يەرلىكتىكى دىموكراتىك ھەركەتلەرنى باستۇرغان. باش ۋەزىر بولغاندا، دەسلىپىدە ياش چېخلار پارتىيىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چېخ مىللەتچىلىرىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، پرگادىكى ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلغان. سايلام ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، قىسمەن ئاھالىنىڭ سايلام ھوقوقىنى كېڭەيتكەن. 1897-يىلى 4-ئايدا، ئاۋستىرىيە پارلامىنتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، تىل توغرىسىدىكى بويرۇقىنى تارقاتقان. بۇ تارىختا <بادېنى سۈيقەستى> دەپ ئاتالغان. ئاۋستىرىيە شوۋىنىزىمچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراش سەۋەبلىك، شۇ يىلى 11-ئايدا خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.
دىنى سۆزلۈكلەر
بادېنى (خەنزۇچە ئىسمى)
خىرىستيان دىنى
巴德尼
bā dé ní