Chinese→Uyghur主要词典
巴达里文化
دۇنيا تارىخى
بادارى مەدەنىيىتى
مىسىرنىڭ برونزا ۋە تاش قوراللار بىرگە ئىشلىتىلگەن ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت (تەخمىنەن مىلادىدىن 0004ىل ئىلگىرىكى مەزگىل). بۇ خارابە ئەڭ دەسلىپىدە يۇقىرى مىسىردىكى نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئاسىيوتنىڭ قارشىسىدىكى بادارى كەنتىدىن تېپىلغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا تاسا، كاۋارود، مۇستاگىت قاتارلىق جايلاردىنمۇ تېپىلغان. ئاسارئەتىقىلەردىن يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت قوراللاردىن تاش گۈرجەك، تاش ئوتىغۇچ، تاش پىچاقتىن باشقا يەنە بىرقىسىم مىس قورال(تەبىئىي مىس) لارمۇ بار، مەسىلەن: مىس پىچاق، مىس بىگىز، مىس مۇنچاق قاتارلىقلار. ساپاللارنىڭ ئالاھىدىلىكى، قارا ساپال بولۇپ، سۈپىتى ياخشى. ئاھالىلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ بولغان. قەبرىلەرگە بىللە كۆمۈلگەن نەرسىلەردىن قارىغاندا، كەمبەغەللىك ۋە باياشاتلىق بويىچە چوڭ پەرق بارلىققا كەلمىگەن. بىر نەچچە ئايالنىڭ كىچىك ھەيكىلى تېپىلغان. ئاياللار قەبرىسىنىڭ ئادەتتە بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقىنىڭ بايقىلىشى، ئاياللارنىڭ ئۇرۇقداشلىقتا خېلى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇشى مۇمكىنچىلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.