Uyghur←Chinese主要词典
باچاي قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
巴柴起义
bā chái qǐ yì
لائۇسنىڭ ئۈستۈنكى لاۋ رايونىدىكى مياۋزۇ مىللىتىنىڭ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. رەھبىرى سامنېئۇئا ئۆلكىسىنىڭ مېڭشەن كەنتىدىكى مياۋزۇ مىللىتىنىڭ داھىيسى چاۋپا باچاي(؟ـ1922) بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1918-يىلى باچاي يەرلىك خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، فرانسىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەپيون بېجى ئالغانلىقىغا ۋە ھاشار تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ تېزلا سامېنۇئا، لۇئاڭپراباڭ، شىياڭكۇاڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە رايونلارغا كېڭەيگەن. كېيىن قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى شياڭكۇاڭنىڭ شەرقىي شىمالغا يۆتكەلگەن. 1922-يىلى باچاي فرانسىيە ئىشپىيونلىرىنىڭ يوشۇرۇن قەستىگە ئۇچرىغان. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.