Uyghur主要词典
بابېئۇت
دۇنيا تارىخى
(1760 - 1797). فرانسىيە ئىنقىلابچىسى. خىيالىي كوممۇنىزمچىسى. ئۇنىڭ يەر ئىسلاھاتى پروگراممىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى قەدىمكى رىم سىياسىئونلىرىدىن تىېرىئۇس، گراككۇسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەچكە گراككۇس دەپ ئاتالغان. دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. يەر - زېمىن تەپتىشى بولغان. بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ دەسلىپىدە ئاخباراتچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. <پىكات خەۋەرچىسى> گېزىتىنى چىقارغان. 1792-يىلى سومما ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. 1794-يىلى تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى مەزگىلىدە <مەتبۇئات ئەركىنلىكى گېزىتى> (كېيىن <خەلقنى قوغداش مەھكىمىسى> گە ئۆزگەرتىلگەن) نى چىقارغان. روبېسپېرغا قارشى ھەرىكەتنى قوللىغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تومۇز ئايچىلارغا ھۇجۇم قىلىش تەرەپكە ئۆزگىرىپ، قولغا ئېلىنغان (195 - يىلى فېۋرال). شۇ ئارىدا باراۋەرچىلەر تەلىماتى بارلىققا كەلگەن. 1795 - يىلى 10-ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن كەسپىي ئىنقىلابچى بولۇپ، <پانسېئون كۇلۇبى> نىڭ رەھبىرى بولۇپ، <باراۋەرلىك ئۇيۇشمىسى> بىلەن مەخپىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، <باراۋەرچىلەر خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلغان. 9617-يىلى 5-ئايدا، مەخپىيىتى ئاشكارىلىنىپ قىلىپ، قولغا ئېلىنغان. ئىككىنچى يىلى 5-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئىدىيىسى بۇئوناروتى 1828-يىلى ئېلان قىلىنغان <باراۋەرلىك ئۈچۈن سۇيىقەست> ناملىق كىتابىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ، ئىنقىلابنى چوقۇم ئاز سانلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان مەخپىي سۇيىقەست تۈزۈمى زوراۋانلىق شەكلىدە قوزغىشى لازىم، دەپ ھېسابلىغان، ئىنقىلاب باشلىنىپ تاكى كوممۇنىزم ئۈزۈل - كېسىل ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر بولغان ئۆتكۈنچى دەۋردە، ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي دىكتارىسى تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك. يېڭى سىياسىي ھاكىمىيەت - خەلق كوممۇنىسى قۇرۇشى، دۆلەتنىڭ مال - مۈلكىنى ۋەمۇسادىرە قىلىنغا دۈشمەن مۈلكىنى ئىگىلىشى، پىدائىيلارنى قاتناشتۇرۇپ ھەمدە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكدارلارنى تەدىرىجىي ھالدا مەھرۇم قىلىشى، كوممۇنا مەركەزلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى، ھەممە ئادەم جىسمانىي ئەمگەككە قاتنىشىشى كېرەك دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ غايىسى تەركىدۇنياچىلىق ۋە تەڭ تەقسىماتىچلىق بىلەن تولغان بولۇپ، بلانكىچىلارغا قارىتا ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلغان. <باراۋەرچىلەرنىڭ مەخپىي سۇيىقەستى> گە قارالسۇن.