Uyghur←Chinese主要词典
بابىك
دۇنيا تارىخى
巴贝克
bā bèi kè
(تەخمىنەن 798 - 838-يىللار). يەنى بابەك مىلادى Ⅸ ئەسىردىكى ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. ھازىرقى ئىراننىڭ ئەزەربەيجان رايونىدىكى بىر ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا قوي باققان ۋە سودا كارۋىنىدا كىراكەشلىك بىلەن شۇغۇللانغان. تەبرىزدە ھۈنەر ئۆگەنگەن. تەخمىنەن 18 ياشلارغا كەلگەندە، جەنۇبىي ئەزەربەيجاندىكى خوررامچىلارغا قاتنىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي باشلىق بولغان. 816-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 837-يىلى قوزغىلاڭنىڭ مەركىزىدىكى باش قورغىنى خەلىپە قوشۇنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، مۇھاسىرىنى يېرىپ قېچىپ چىققان. ئىككىنچى يىلى فېئوداللارنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. <بابەك قوزغىلىڭى> غا قارالسۇن.