بابⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىتاب، ئەسەر، ماقالە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر ئايرىم بۆلىكى؛ قىسمى:[مىسال:] كىتابنىڭ بىرىنچى بابى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەۋر، سەھىپە:[مىسال:] ئىسلاھات شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى باب ئاچتى.[يەشمىسى:] ③ ئامال، چارە:[مىسال:] ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال).