Uyghur主要词典
با
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىرەر سۈپەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئالدى قوشۇمچە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۈپەت ياسىغۇچى لىق، چى، دار قوشۇمچىلىرىنىڭ رولىدا كېلىدۇ:
بەزى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ بىلەن، ئارقىلىق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ: با قەلەم - قەلەم بىلەن، با تەرتىپ - تەرىپ بىلەن با مەسلىھەت - مەسلىھەت بىلەن.
= بە 1.
سۇلۇكەتدە ماھىر ئەجەب بائەدەب،
تەكەللۇم قىلۇر سەۋەتكە غۇنچە لەب.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇيغۇرچىدىكى <لىق، چى، چە> قوشۇمچىلىرىنىڭ مەنىسىدە كېلىدىغان سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە ۋە <بىلەن، ئارقىسىدا، ئاستىدا، ئەھۋالدا، بار> دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەردە كېلىدىغان ياردەمچى سۆز: باخەبەر - خەۋىرى بار، خەۋەردار؛ بائەدەپ - ئەدەپلىك؛ بائابرۇي - ئابرۇيلۇق؛ باقەلەم - قەلەم بىلەن؛ باتەرتىپ - تەرتىپ بىلەن؛ باكۆمەل دوستان - ئاغىنىلەرنىڭ يادىمى ئاستىدا (بۇ قوشۇمچە <بە> دەپمۇ ئېيتىلىدۇ، مەسىلەن: بەقۇۋۋەت - قۇۋۋەتلىك، كۈچلۈك).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
باغلاش، چىگىش