Chinese→Uyghur主要词典
阿以莎
دۇنيا تارىخى
ئائىشە
(614 - 678) ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى خوتۇنى. <مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى> دەپ ئاتالغان. ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى. مەككىدە تۇغۇلغان. توققۇز يېشىدا مەدىنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق قىلىنغان. خەلىپە ئوسمان ئەلەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ مەدىنە ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ، قارشى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىگە قارشى تۇرغان. مىلادى 656-يىلى تۆگە غازىتىدا ھەزرىتى ئەلى قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئائىشەنى ئەسىر ئېلىپ، مەدىنىگە قايتۇرۇپ كەلگەن. مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.