领域: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىۋاسكېتبول بىر مۇھىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ قەدىناس دوستى ۋالىبول ئۇنى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلىپ، خوشلىشىش زىياپىتى بېرىپتۇ.
زىياپەت باشلىنىپتۇ. ۋاسكېتبول ھاياجانلانغان ھالدا:
- مەن بولسام كىشىلەر ھۆرمەت قىلىدىغان گېنېرالمەن. كىمكى قولىغا ئېلىۋالسا، غەلىبە ۋە شان - شەرەپ قازانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، - دەپ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ.
- كىشىلەر مېنى ئۇياققا - بۇياققا پاس بېرىپ، ھېچكىم ئۆز يېنىدا بىردەممۇ قالدۇرۇشنى خالىمايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ماڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن، - دەپتۇ ۋالىبول ئالدىرىماي.
- ئىتتىرىش بىلەن تالىشىش ئىككى قارىمۇ قارشى ئۇقۇم. ئىككى قارىمۇ قارشى ھەرىكەت - دە! - دەپتۇ ۋاسكېتبول.
- ئۇنىڭ خاراكتېرى ئوخشاشلا نومۇر ئېلىش، - دەپتۇ ۋالىبول.
پەقەت يۈزەكى ئەھۋالغا قاراپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىگە قارىمىغان ئادەمدە، ئۆزىگە نىسبەتەن توغرا تونۇشقا بولۇش ھەمىشە كەم بولىدۇ.