Chinese→Uyghur主要词典
阿司
دۇنيا تارىخى
ئاس
قەدىمكى رىمنىڭ پۇل ۋە ئېغىرلىق بىرلىكى. مىس پۇل. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 45.327 گرامغا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن 268 يىل ئىلگىرى كۈمۈش پۇل قۇيۇلۇشتىن بۇرۇن رىمدىكى بىردىنبىر پۇل بولۇپ، ئاساسەن مەملىكەت ئىچىدىكى سودا - سېتىقتا ئىشلىتىلگەن. كۈمۈش پۇل دېنارىئو ۋە سىستېرىت مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، مىس پۇل پارچە پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.