Chinese→Uyghur主要词典
奥土战争
دۇنيا تارىخى
ئاۋستىرىيە تۈركىيە ئۇرۇشى
ئاۋستىرىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ۋېنگرىيە ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جايلارنى تالىشىپ، ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرگىچە ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. ⅩⅥ - ⅩⅤ ئەسىردە، تۈركىيە بالقاندىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە ۋېنگريە بىلەن ئاۋستىرىيىگە دائىم تاجاۋۇز قىلغان. چوڭ ئۇرۇش تۆت قېتىم بولغان: (1) 1683 - 1699-يىللاردىكى ئۇرۇش: تۈركىيە فرانسىيىنىڭ كۈشكۈرتۈشى ئارقىسىدا، ئاۋسترىيىگە قارشى تۇرۇش قوزغىغان. 1683-يىلى 7-ئايدا تۈركىە ئارمىيىسى ئاۋسترىيىنىڭ پايتەختى ۋېنانى قورشىۋالغان. ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنانى قورشىۋالغان. ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى قېچىپ كەتكەن، ئەمما ۋېناخەلقى قوزغىلىپ تۈركلەرگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 9-ئايدا پولشا كورۇلى يان سوبسكى ۋە بادېن گرافى، رودېن كىنەزى ياردەمگە قوشۇن ئەۋەتىپ، تۈركىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋېنانى قۇتقۇزۇۋالغان. 1686-يىلى ئاۋسترىيە، پولشا ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋالغان. 1697-يىلى زېنتا (ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تىسا دەرياسنىڭ يېنىدا) جېڭىدە ئاۋستىريە قوشۇنى غەلىبە قىلغان. 1699-يىلى 1-ئايدا تۈركىيە <كارلوۋاس سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئەسلىدە تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان ۋېنگرىيە، ترانسلۋانىيە (باراتتىن باشقا)، كرودىيە ۋە سلوۋېىنىيىلەر ئاۋستىرىيىگە قوشۇۋېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. (2) 1716 - 1718 - يىللاردىكى ئۇرۇش: 1716-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى تۈركىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مولداۋىيە، ۋالاخىيە ۋە بوسىنىيىلەرنى ئىشغال قىلغان. 1717-يىلى 8-ئايدا يەنە تۈركىيىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى ئاساسىي تايانچ بازىسى بېلگرادنى ئېلىپ، تۈركىيىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1718-يىلى 7-ئايدا ئىككى دۆلەت <پوزاربۋاس سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە تۈركىيىدىن بارات، سېربىيىنڭ شىمالىي قىسمى (بېلگرادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بوسىنىيىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە سلوۋىنىيە، ۋالاخىيىلەرنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى تارتىۋالغان. شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدا ئەركىن سودا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. (3) 1737 - 1739 - يىللاردىكى ئۇرۇش: ئاۋسترىيە بىلەن روسىيىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ، 1737-يىلى ئاۋسترىيە ئىتتىپاقداش دۆلەت سۈپىتىدە روسىيىگە ياردەم بېرىپ، روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (3517 - 1739) غا قاتناشقان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئۇدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1739-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاۋسترىيە تۈركىيە بىلەن <بېلگراد سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، 1718-يىلىدىكى <پوزارېۋاس سۈلھ شەرتنامىسى> غا ئاساسەن ئىگە بولغان زېمىنىنىڭ تولىسىدىن (بېلگرادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان. (4) 1788 - 1790-يىللاردىكى ئۇرۇش: ئاۋسترىيە روسىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، 1788-يىلى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (1787 - 1791) غا قاتناشقان. دەسلەپتە ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئۇدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، كېيىن روسىيە ئارمىيىسنىڭ غەلىبىسى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىگە ئۈستۈنلۈك يارىتىپ بەرگەن. 1789-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىگە ئۈستۈنلۈك يارىتىپ بەرگەن. 1789-يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇخارست،، بېلگراد قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. ئەمما 1790-يىلى 4-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن پرۇسسىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا تۈركىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزگەن. بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە ئارمىيىسى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىشغال قىلغان جايلارنىڭ ھەممىسىدىن (خودىن قەلئەسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلادىن باشقا) چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇرۇشتىن چېكىنگەن.