Chinese→Uyghur主要词典
奥塞条约
دۇنيا تارىخى
ئاۋسترىيە - سېربىيە شەرتنامىسى
1881-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋسرىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيە بىلەن بېلگرادتا ئىمزالىغان مەخپىي شەرتنامە. مۇددىتى 10 يىل. ئۇنىڭدا ېربىيىنىڭ ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەر بلەن سىياسىي شەرتنامە ئىمزالىشىغا بولمايدىغانلىقى، چەت ئەل قوراللىق قىسىملىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدا ئاۋسترىيىگە قارشى ھەرقانداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئاۋسترىيە سېربىيىنىڭ پادىشاھلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ھەمدە سېربىيىنىڭ جەنۇبىي چېگرىنى كېڭەيتىشىنى قوللاشقا ۋەدە بەرگەن.