Chinese→Uyghur主要词典
奥地利王位继承战争
دۇنيا تارىخى
ئاۋستىرىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى
1740-1748-يىللاردا ئاۋستىرىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇش، ئاۋستىرىيە ئىمپېراتورى چارلېس Ⅵئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقتىن قىزى مارىيە تېرىسسا1713-يىلدىكى <دۆلەت پەرمانى>غائاساسەن دادىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان. پرۇسسىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خابسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ خوجىلىق يېرىنى بۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان ھەمدە1740-يىلى 12-ئايدا سىلېسىيىگە ئەسكەر چىقىرىپ، ئاۋستىرىيە بىلەن ئۇرۇشقان. 1741-يىلى پرۇسسىيە، باۋارىيە، ساكسۇنىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، نېئاپول، ساردىنىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئاۋستىرىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن؛ ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە روسىيەلەر ئاۋستىرىيىنى قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇش ياۋرۇپا ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ھەتتا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىلىرى (ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ھىندىستان) غىمۇ چېتىلغان. 1742-يىلى پرۇسسىيە ئاۋستىرىيىنى يېڭىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئالدىغا شەرتنامە تۈزۈپ، تۆۋەنكى سىلېسىيىگە ئىگە بولغان. 1744-يىلى پرۇسسىيە ئاۋسترىيىدىن ئۈستۈنكى سىلېسىينى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇرۇشن يېڭىۋاشتىن قوزغىغان. 1745-يىلى ئاۋسترىيىنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ، ئىتتىپاقچىلىرىنى تاشلاپ قۇيۇپ، ئۆز ئالدىغا ئاۋستىرىيە بىلەن <درېسدېن شەرتنامىسى>نى تۈزۈپ، ئۈستۈنكى سىلېسىيىنى تارتىۋالغان ۋە مارىيە تېرىسسانىڭ كورۇللۇق تەخت ۋارىسلىقىنى ئىتىراپ قىلغان. 1748-يىلى <ئاچېن سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، مارىيە تېرىسسا تەخت ۋارىسى ھوقوقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما كەڭ زېمىنىدىن ئايرىلغان. پرۇسسىيە سىلېسىيىنى ئىگىلەپ، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان.