Chinese→Uyghur主要词典
安岳古坟
دۇنيا تارىخى
ئەنيۆ قەدىمىي قەبرىستانلىقى
چاۋشيەننىڭ كوگۇرىيە دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق. چاۋشيەننىڭ خۇاڭخەي - نامدۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەنيۆ ناھىيىسى ليۇشۇ يېزىسىغا جايلاشقان. 3-نومۇرلۇق قەبرىدە جۇڭگونىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسى يوڭخىنىڭ 13-يىلى (ياكى شېڭپىڭنىڭ 1-يىلى، مىلادى 357-يىلى) ئاخىرەتلىككە دائىر قارا سىياھ بىلەن يېزىلغان بېغىشلىما بار، قەبرە ئالدى كەينى ۋە ئوڭسول بۆلۈملىرىگە ئايرىلغان بولۇپ، ھاڭ تاش بىلەن قوپۇرۇلغان. قەبرە تېمىغا ئەر- خوتۇن قەبرە ئىگىسىنى سۈرىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى زىياپەتلىرى، سەپىر، ئەدىبلەر، ياساۋۇللار، دېدەكلەر قاتارلىقلارغا دائىر ھەر خىل سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن. قېزىپ چىقىرىلغان ئاسارئەتىقىلەر ئىچىدە ساپال قاچا، تۆمۈر نەيزە، تاۋۇت مىخى، تاۋۇت سىرى قاتارلىقلار بار. بۇ كوگۇرىيە دەۋرىگە ئائىت ئەڭ مۇھىم تاش ئۆي تام سۈرەتلىك قەبرىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.