Chinese→Uyghur主要词典
安提帕特
دۇنيا تارىخى
ئانتىپاتېر
(مىلادىدىن ئىلگىرى 397 - 319) ماكېدونىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرى. فىلىپ Ⅱ بىلەن ئالېكساندر (بۈيۈك ئىمپېراتور) نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. مىلادىدىن 334 يىل ئىلگىرى، ئالېكساندر قوشۇن باشلاپ شەرققە يۈرۈش قىلغاندا <دۆلەت تەپتىشى> (نايىب) قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فراكىيىلىكلەر بىلەن سپارتالىقلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. ئولىمپىيە (ئالېكساندرنىڭ ئانىسى) بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ مىلادىدىن 432 يىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فراكىيىلىكلەر بىلەن سپارتالىقلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرغان. ئولىمپىيە (ئالېكسندرنىڭ ئانىسى) بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ مىلادىدىن 324 يىل ئىلگىرى ئاسىياغا كەتكەن؛ ئۇنىڭ ئورنىغا كراتبرۇس چىققان. ئىككىنچى يىلى ئالېكساندر ئۆلگەندە، ئۇ يېڭىۋاشتىن ھوقۇق تۇتۇپ، كراتېرۇس بىلەن بىرلىشىپ يۇنانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى باستۇرغان. دەسلەپ لامىيە ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 322 ) 323( ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، كېيىن كراننون جىلغىسىدا يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئافىنا باشچىلىقىدىكى ماكېدونىيىگە قارشى ئىتتىپاق پارچىلانغان )دېموستېني ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان(. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاسىياغا بېسىپ كىرىپ پېردىكاس )ئالېكساندرنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى( بىلەن ئۇرۇشقا، پېردىكاس مىسىردا ئۆلگەن. ئانتىپاتېر ئالېكساندرنىڭ ۋارىسلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ، ئۆلۈش ئالدىدا پوليىسپېكوننى <دۆلەت تەپتىش> ۋارىسلىقىغا بەلگىلەنگەن، ئانتىپارتېرنىڭ ئوغلى كاساندېر بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ جاڭجال چىقارغان.