Chinese→Uyghur主要词典
安条克
دۇنيا تارىخى
ئانتىيوك
(Ⅰ) سېلېۋك پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى. تارىخنامىلەردە دائىم تىلغا ئېلىنغانلىرى: (1) ئانتىيوك Ⅰ (مىلادىدىن ئىلگىرى 261 - 323) سېلېۋك Ⅰ نىڭ ئوغلى. مىلادىدىن 293 يىل ئىلگىرى <خان> لىق مەرتىۋىسى بېرىلىپ، ئاتىسى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 280 - 261) كېلىتلار (گاللار) ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن كىچىك ئاسىياغا ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كىرىپ، قاتتىق ۋەيرانچىلىق ۋە قىرغىنلىق ئېلىپ بارغان؛ ئۇ، يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىرلىشىپ كاپپادوكىيە جېڭىدە (مىلادىدىن 277 يىل ئىلگىرى) ئۇلارنى تارمار قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن <نىجاتكار> دەپ نام ئالغان. مىسىردىكى پىتولېمېى خاندانلىقى بىلەن داۋاملىق زېمىن تالىشىپ كەلگەن. بىراق كىچىك ئاسىيادىكى پېرگام ئاخىرى سېلېۋكىيىدىن ئايرىلىپ (تەخمىنەن مىلادىدىن 262 يىل ئىلگىرى) مۇستەقىل بولغان. (2) ئانتىيوك Ⅲ (مىلادىدىن بۇرۇن 242 - 187)، سېلېۋك كاللىنىكۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. ئاكىسى سېلېۋك كېرائونۇ ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 187 - 223) مىدىيە ۋە پېرسىيىنىڭ يەرلىك بۆلگۈنچىلىكىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھى پىتولېمېي فىلوپاتور بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، سۈرىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، فىنكىيە ۋە پەلەستىن ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ساقلاپ قالغان؛ مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى رافىيە (پەلەستىندە) جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، يۇقىرىدىكى رايونلاردىن ئايرىلىپ قالغان. كىچىك ئاسىيانىڭ ئەمەلدارى ئاكېيۇ ئىسيان كۆتۈرگەندە، ئۇنى باستۇرغان (مىلادىدىن 214 يىل ئىلگىرى). شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل داۋامىدا ئىران ئېگىزلىكىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئارساك بىلەن باكترىيىنىڭ مۇستەقىللىك ۋەزىيىتى مۇقىملىشىپ قالغانلىقتىن، ئاخىرى سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر ولغان. مىلاژىدىن 196 يىل ئىلگىرى ياۋروپاغا باستۇرۇپ بېرىپ، شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقان رىم بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. كارفاگېننىڭ مەشھۇر سەردارى گاننىبا (مىلادىدىن 195 يىل ئىلگىرى ئانتىيۇك Ⅲ نىڭ ئوردىسىغا بارغان) ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسىتىپ، ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇنى قوبۇل قىلمىغان. مىلادىدىن 192 يىل ئىلگىرى، ئىتورىيە ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپى بويىچە گرېتسىيىگە كىرگەن. ئىككىنچى يىلى، دېموبېلد رىم قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئاسىياغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىدىن 190 يىل ئىلگىرى، ماگېنسىيە (كىچىك ئاسىيادا) جېڭىدە رىم باش قوماندانى چوڭ سىپئو تەرىپىدىن تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىنىپ، كىچىك ئاسىا ۋە فراكىيىدىكى زېمىنىدىن ۋاز كېچىپ، 15 مىڭ ئېئوبىيە تارانتوم تۆلەم پۇل (12 يىل ئىچىدە تۆلەپ بولۇش) بېرىش، ئون ھەربىي كېمىسىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا ھەممە كېىملىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىن ئىبارەت ئېغىر شەرتلەرنى قوبۇل قىلىپ، سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان (مىلادىدىن 881 يىل ئىلگىرى). بۇ چاغدا سېلېۋك پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىدىن مەھرۇم بولغان. ئانتىيوك Ⅲ (<ئۇلۇغ پادىشاھ> دەپمۇ ئاتالغان) ئىران رايونىدىكى ئىبادەتخانىلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغىنىدا، غەزەپلەنگەن يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سېلېۋك فىلوپاتور ۋارىسلىق قىلغان. (3) ئانتىئوكىيە. سېلېۋكىيە پادىشاھلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرى 64 - 312) نىڭ پايتەختى. ئورۇنت دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا (ھازىرقى تۈركىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئانتاكىيە شەھىرى) جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 300 يىل ئىلگىرى، سېلېۋكىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سېلېۋك Ⅰ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى سېلېۋكىيە پرىستانى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى سودا شھىرى ۋە قاتناش تۈگۈنى بولغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرىكى يىلدىن تارتىپ رىمغا تەۋە بولۇپ كەلگەن. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر ئىشغال قىلىۋالغان. بىرىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ قوشۇنى شەرققە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلىدە، بۇ يەردە ئانىئوكىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان (1098-يىلى). ⅩⅥ ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
安条克〈土〉
ān tiáo kè
ئانتاكىيەDئۇنىۋېرسال
ān tiáo kè
ئانتيوك
Dتارىخ
ān tiáo kè
ئانتىئوخىيىە، ئانتاكىيە