Chinese→Uyghur主要词典
安特生
دۇنيا تارىخى
ئاندېرسون
(1874 - 1960) شۋېتسىيە ئارخېئولوگى، گېئولوگى. ياش ۋاقتىدا شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان. 1906-يىلى شۋېتسىيە گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1914 - 1925-يىللىرى جۇڭگوغا كېلىپ، شىماىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك - سودا مىنىستىرلىكىنىڭ كان ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولۇپ، جۇڭگودا گېئولوگىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. جۇكودىيەن خارابىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان ھەمدە خېنەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا بەزى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ياڭشاۋ يېزىسى قاتارلىق خارابىلارنى تېپىپ، زور مىقداردىكى رەڭلىك ساپال قاچىلارغا ئېرىشكەن. ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ستوكھولم يىراق شەرق قەدىمكى زامان ئاسار ئەتىقىلەر مۇزېيىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ <جۇڭخۇا قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى>، <جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات> ناملىق كىتابلىرى بار. ئۇ، جۇڭگو ئىپتىدائىي مەدەنىيىتىنى ئالتە دەۋر (چىجا، ياڭشىياۋ، مادېن، شىندىيەن، سىۋا، شاجىڭ) گە بۆلۈش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق زور مىقداردىكى ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلار ئۇنىڭ تەلىماتىنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.