Chinese→Uyghur主要词典
桉树
بىئولوگىيە
ئېۋكالىپىت دەرىخى
مىرتا ئائىلىسىگە كىرىدۇ، قوۋزىقى تۆكۈلمەيدۇ، يۇمران مەزگىلدە توق قىزىل بولۇپ، كېيىنچە قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ يىرىكلىشىدۇ، يوپۇرمىقى يۇمران مەزگىلدە ئۇدۇل ياكى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، چوڭايغاندا نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە تېرىلىشىدۇ، تار تۇخۇم شەكىللىك ياكى تۆمۈنە شەكىللىك بولىدۇ، يان تومۇرلىرى كۆپ ھەم ئىنچىكە بولۇپ، ئوتتۇرا تومۇرلىرى بىلەن تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى بولىدۇ، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى قولتۇقتا ياكى ياندا ئۆسىدۇ، 5 - 10 دانە كىچىك گۈلدىن تۈزۈلىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل سېپى يىرىك ھەم ياپىلاق بولۇپ، قىرى بولىدۇ، گۈل كاسا نەيىچسى تار پىلدىرلىغۇچ ياكى چۆگۈنگە ئوخشاشراق شەكىلدە بولۇپ، تۆۋەن قىسمى تەدرىجىي تارىيىپ ساپقا ئايلىنىدۇ؛ گۈل كاسىسىنىڭ قالپاقسىمان تەنچىسى قېلىن بولۇپ، چوققىدا كونۇسسىمان ئۆسۈكچە ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى گۈل كاسا نەيچىسى بىلەن تەڭ بولىدۇ، غوزا مېۋىسى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك تۇخۇمسىمان ئېللىپس شەكىللىك، مېۋە ياپراقچىسى 3 - 4 بولىدۇ. مۆتىدىل نەم رايوندا ئۆسىدۇ. ئەسلى ماكانى ئاۋسترالىيە بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى بىلەن جەنۇبىدا يول ياقىلىرىغا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ياغىچى توق قىزىل بولۇپ، چىرىتىشكە چىداملىق بولىدۇ، كۆۋرۈك، كان تۈۋرۈكى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ يوپۇرمىقىدىن خۇش پۇراق ماي ئايرىۋېلىنىدۇ، دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ چىرىتىشتىن ساقلاش، شامالنى ھەيدەپ ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
ān shù
ئېۋكالىپت دەرىخى
Dئۆسۈملۈك
ān shù
ئېۋكالىپت دەرىخى