Chinese→Uyghur主要词典
安瑟伦
ئۇنىۋېرسال
ān sè lún
ئانسسېلىم
دىن
ān sè lún
基
خىرىستيان دىنى
ئانسېلىم
دۇنيا تارىخى
ئانسېلمۇس
(1033 - 1109) ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن غەربىي ياۋروپا تىئولوگى ۋە مەدرس پەيلاسوپى. رېئالىزمچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئىتالىيىنىڭ ئائوستا شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1060-يىلى فرانسىيىدىكى بوك مۇناسىرىغا كىرگەن. 1078-يىلى سانىسدىۋان مۇناسىتىرىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1093-يىلى ئەنگلىيە كېنتېرىيىنىڭ ئاخېئېپىسكوپلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. دىنىي ھوقۇق دەھرىي ھاكىمىيەتتىن ئەلا دېگەننى تەرغىپ قىلغان ھەمدە ئەنگلىيە كورۇلى بىلەن ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىپ، ئىككى نۆۋەت ئەنگلىيە كورۇلى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن. خۇدا توغرىسىدىكى ئۇقۇمدىن خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىياس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ، ئانتولوگىيە دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش بولغان فرانسىيىلىك پەيلاسوپ مىسسىئونېر گونىلو (تەخمىنەن ؟ -1083 - يىلى) مۇ بۇ خىل دەلىللەشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى تەس دەپ ھېسابلىغان. <تەرىقەتنى دەلىللەش دەستۇرى>، <گرامماتىكىلىق دىئالوگ>، <خۇدا قايسى ۋاقتىدا، كىملەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلگەن؟> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.