Chinese→Uyghur主要词典
安茹王朝
دۇنيا تارىخى
ئانجۇخاندانلىقى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادىكى فېئودال خاندانلىق بولۇپ، فرانسىيىدىكى گراف ئانجۇ جەمەتىدىن كەلگەن. بۇلار: (1) ئەنگلىيىدىكى ئانجۇ خاندانلىقى (1154 - 1399) يەنى پىلانتاگېنېت خاندانلىقى. (2) جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ نېئاپول ۋە سىتسىلىيىدىكى ئانجۇ خاندانلىقى (1268 - 1442؛ 1268 - 1282). 1268-يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅷ نىڭ ئوغلى، گراف ئانجۇ چالېس سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەختىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 282- يىلى 8-ئايدا، سىتسىلىيىنىڭ پايتەختى پالېرمودا فرانسىيە فېئوداللىرىغا قارشى قوزغىلاڭ (<سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى> غا قارالسۇن) پارتلاپ، سىتسىىيە ئەمەلىيەتتە ئانجۇ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. 1302-يىلى سىتسىلىيە رەسمىي ئاراگون خاندانلىقىغا تەۋە بولغان. 1442-يىلى ئانجۇ خاندانلىقىنىڭ نېئاپولدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىمۇ ئاراگون خاندانلىقى ئىگىلىگەن. (3) ۋېنگرىيىدىكى ئانجۇ خاندانلىقى (1308 - 1387). ئانجۇ جەمەتىدىن بولغان چارلېس روبېرت (1288 - 1342) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان.