Chinese→Uyghur主要词典
安娜.科穆宁娜
دۇنيا تارىخى
ئانناكومنېنا
(تەخمىنەن 1083 - 1148) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى تارىخشۇناسى. ئىمپېراتور ئالېكسى Ⅰ (1081 - 1118-يىللىرى تەختتە بولغان) نىڭ قىزى. ياش ۋاقتىدا گرېتسىيە پەلسەپىسىنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئىستېداتلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئىنىسى يۇئاننېس Ⅱ گە قارشى چىقىپ، ئېرى ىنىكىفور برىيېننى (1062 - 1137) ئىمپېراتورلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولۇپ، مەرتىۋىسىدىن چۈشۈپ، موناستىرغا كىرىۋالغان. كېيىن، 15 جىلدلىق <ئېمپېراتور ئالېكسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى خاتىرىسى> نى يېزىپ چىقىپ ئاتىسىنى جېنىنىڭ بارىچە ماختاپ، خەلق ئاممىسى ۋە بىدئەتچىلىك ھەرىكىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، بىراق بۇ كىتابتا 1069 - 1118-يىللىرىدىكى ۋىزانتىيە تارىخى ۋە بىرىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا ئالاقىدار بولغان نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللار ساقلاپ قېلىنغان.