Chinese→Uyghur主要词典
氨基酸等电点
بىئولوگىيە
ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئىزو ئېلېكترلىك نۇقتىسى
ئامىنو كىسلاتا مولېكۇلىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىشقارلىق ئامىن رادىكالى ۋە كىسلاتالىق كاربوكسىل رادىكالى دىسسوتسىئاتسىيىلەنگەندە COOH قويۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر ئامىنو كىسلاتا مولېكۇلىسى ئوخشاش ۋاقىتتا مۇسبەت، مەنپىيدىن ئىبارەت ئىككى خىل زەرەتلىنىپ ئىككى خۇسۇسىيەتلىك ئىئون (ئىككى خىل خۇسۇسىيەتلىك ئىئون) غا ئايلىنىدۇ. بەلگىلىك كىسلاتا، ئىشقارلىق دەرىجىسىدە ئامىنو كىسلاتا مولېكۇلىسىدىكى ئامىن رادىكالى ۋە كاربوكسىل رادىكاللىرىنىڭ ئىئونلىنىش دەرىجىسى ھەرىكەتچان مۇۋازىنەت ھالەتكە كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مۇسبەت ئىئونلارنىڭ قويۇقلۇقى مەنپىي ئىئونلارنىڭ قويۇقلۇقىغا تەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ زەرىتى نۆلگە تەڭ بولىدۇ - دە ئېلېكتر مەيدانىدا مۇسبەت قۇتۇپقىمۇ، مەنپىي قۇتۇپقىمۇ تارتىلمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا شۇ ئامىنو كىسلاتاسى تۇرغان ئېرىتمىنىڭ PH قىممىتى ئۇنىڭ ئىزو ئېلېكترلىك نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ.