Chinese→Uyghur主要词典
盎格鲁一撒克逊法典
دۇنيا تارىخى
ئانگلو - ساكسون قانۇنلار دەستۈرى
مىلادى Ⅶ - Ⅸ ئەسىرلەردىكى ئەنگلىيە ئانگلو - ساكسونلارنىڭ ئادەت قانۇنلىرى توپلىمى. قەدىمكى ئانگلو تىلىدا يېزىلغان. كۆپ قىسمى كورۇل تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئەمىر - پەرمانلار. جىنايى ئىشلار قانۇنىنى ئاساس قىلغان، مەمۇرىي باشقۇرۇش، جامائەت تەرتىپى، دىنىي جەمئىيەت ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مىزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قانۇنلار دەستۇرىدا ئانگلو - ساكسونلاردا سىنىپىي بۆلۈنۈشنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرلگەن، ئاقسۆڭەكلەر كۆپرەك يەرنى ئىگىلەپ، قۇللار ۋە باشقا بېقىندى دېھقانلارنى ئىشقا سالغان، بىراق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تولىسى ئەركىن دېھقانلار بولغان. قانۇنلار دەستۇرىدا كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا نىسبەتەن، زىيانكەشلىك قىلىنغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنىغا ھەق تۆلەش بەلگىلەنگەن، ئۇنىڭ سوممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ سالاھىيىتىگە قاراپ بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، بىر ئاقسۆڭەكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە تۆلىنىدىغان ھەق ئومۇمەن بىر ئەركىن دېھقاننى ئۆلتۈرگەنگە تۆلىنىدىغان ھەقنىڭ 2 - 3 ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان. قانۇنلار دەستۇرىنىڭ بەزى قىسىملىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە، ئۇ مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.