Chinese→Uyghur主要词典
安德罗波夫
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
ān dé luó bō fū
ئاندروپوۋ
دۇنيا تارىخى
ئاندروپوۋ
(1914-1984). سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سېكرىتارىينىڭ باش سېكرىتارى (1983-1984). ستاۋروپۇل چېگرا رايونى ناگوتىسكتىكى بىر تۆمۈريول خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق ۋاقىتتا رادىست ۋە ماتروس بولغان. 1936-يىلى رىيبنىسىك سۇ ترانسپورت تېخنىكۇمىنى تۈگەتكەن. 1937-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياروسلاۋل ئوبلاستلىق كومىتىتىنىڭ سېكرىتارى، ئىككىنچى يىلى بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. 1939-يىلى كومپارتىيىگە قاتناشقان. 1944-يىلىدىن باشلاپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كارېلىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە كارېلىيدىكى پارتىزانلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1944-يىلدىن باشلاپ پېتروزاۋودىسىك شەھەرلىك كومېتىتىنىڭ ئىككىنچى سېكرىتارى بولغان. 1947-يىلدىن باشلاپ كارېليە پارتىيە مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئىككىنچى سىكرىتارى بولغان. 1951-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي ئورگىنىغا يۆتكىلىپ تەپتىش ۋە باشقارما باشلىقى بولغان. 1954-1957-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنگرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بلغان. 1957-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتى چەتئەللەر بىلەن ئالاقىلىشىشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1961-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، مەركىزىي كومېتىتى ئەزاسى، سېكرىتارىياتنىڭ سېكرىتارى، سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ۋە ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1967-1982-يىللىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومېتىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ كەلگەن. برېژنېۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن،باش سېكرىتار، ئالىي سوۋېتى پرىزدىئومىنىڭ رەئىسى بولغان.