领域: دۇنيادىكى مىللەتلەرئاككادلار
ئاككادلار غەربىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ساملارنىڭ بىر تارمىقى. ئاككادلار ئاساسەن تىگىر (دەجلە) ۋە فرات دەرياسى ۋادىلىرى (ھازىرقى ئىراق) نى ئۆزىگە ماكان قىلغان. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللاردا سۈرىيە يايلىقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. پادىشاھ سارگۇن Ⅰ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 2369 - 2314) ئەتراپىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاككاد پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. پادىشاھ نادام - سېن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 2290 - 2254) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە زېمىنى كېڭىيىپ، شىمالدا ئەرمىنىيە، شەرقتە زاگروس تاغلىرى، غەربتە ئەرەبىستانغىچە يېتىپ بارغان. بۇ پادىشاھلىقنى 2200 - يىلى زاگروس تاغلىرى ئەتراپىدىن كەلگەن گوتېلار ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.
ئاككادلار سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاككاد تىلىنىڭ ئاسسۇر ۋە بابىلۇن دىئالېكتىنى قوللانغان. شۇڭا بۇ تىل ئادەتتە ئاسسۇر - بابىلۇن تىلى دېيىلىدۇ. بۇ تىل مىلادىدىن بۇرۇنقى 30 - ئەسىردىن تارتىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى دەريا ۋادىسىدا قوللىنىلغان شىنا شەكىللىك ئەڭ قەدىمكى يېزىق تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.