Chinese→Uyghur主要词典
阿卡得王国
دۇنيا تارىخى
ئاككاد پادىشاھلىقى
قەدىمكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. مىلادىدىن تەخمىنەن 2371 يىل ئىلگىرى ئاكادىلار پادىشاھى سارگون Ⅰ تەرىپىدىن قۇرۇلغان. كۆپ قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق سۇمبر شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى كۆپلىگەن رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پايتەخت ئاككاد شەھىرىنى بىنا قىلغان. داۋاملىق سىرتقا قارىتا كېڭەيمچىلىك قىلىپ، شىمالدا سۇبارتۇغا بېسىپ كىرگەن، شەرقىي جەنۇبتا ئېلامنى ئىستېلا قىلغان، تەسىر كۈچى كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە ۋە پەلەستىن ئەتراپىغىچە يېتىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سارگون Ⅰ ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى ياسىتىپ، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دائىمىي ئارمىيىنى قۇرۇپ، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. نارام سىن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (مىلادىدىن تەخمىنەن 2291 -) 5522 يىللار ئىلگىرى( دۆلەت قۇدرەت تاپقان. ئۇ يەنە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، زېمىنىنى شىمالدا ئەرمېنىيە ۋە كوردىستانغىچە، غەربىي جەنۇبتا ئەرەبىستانغىچە يەتكۈزۈپ، ئۆزىنى <جاھاندىكى تۆت تەرەپنىڭ پادىشاھى> دەپ ئاتىغان. نارام سىن ئۆلگەندىن كېيىن، تەخت كەينى - كەينىدىن يەڭگۈشلەنگەن. سۇمبردىكى ھەر قايسى جايلار ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسەتكەن، پادىشاھلىق زاۋاللىققا يۈزلگەنگەن. مىلادىدىن تەخمىنەن 2230 يىل ئىلگىرى شەرقىي شىمال تاغلىق رايونىدىن كەلگەن كوتىلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. كېيىن مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئۈچىنچى خاندانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. <ئاككادلار>غا قاراڭ.