Chinese→Uyghur主要词典
埃意战争
دۇنيا تارىخى
ئېفىئوپىيە - ئىتالىيە ئۇرۇشى
ئىتالىيەنىڭ ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلغان مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى. جەمئىي ئۈچ قېتىم بولغان: (1) 1887 - يىلىدىكى ئۇرۇش. 1869 - يىلى ئىتالىيە رۇپادىنو كېمىسازلىق شىركىتى قىزىل دېڭىز ياقىسىدىكى ئاسساب پورتىنى سېتىۋېلىپ، كۆمۈر قاچىلاش پونكىتى قۇرغان. 1882 - يىلى ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئاسسابنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇنى مۇستەملىكە جاي دەپ جاكارلىغان، 1885 - يىلى يەنە ماسساۋانى بېسىۋالغان ھەمدە داۋاملىق تۈردە پىلە قۇرتىدەك ئىچكى جايلارغا ئىچكىرلەپ كىرگەن. 1887 - يىلى ئېفىئوپىيە - ئىتالىيە ئىككى تەرەپ دوگولىدا قاتتىق جەڭ قىلغان، ئىتالىيە قوشۇنى مەغلپ بولۇپ چېكىنگەن؛ (2) 1895 - 1896- يىللاردىكى ئۇرۇش. ئېفىئوپىيە (ھەبەشىستان) ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1890 - يىلى ئىتالىيە <ۋۇچالى شەرتنامىسى> ماجىراسىنى پەيدا قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ئەسكەر چىقارغان. 1894 - يىلى تىگرې ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ياندۇرقى يىلى 3 - ئايدىكى ئادوۋا جېڭىدە، ئىتالىيە مەغلۇپ بولۇپ، نائىلاج سۈلھ شەرتنامە تۈزۈپ، ئېفىئوپىيىنىڭ تامامەن مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە تۆلەم تۆلىگەن؛ (3) 1941 - 1935 - يىللىرىدىكى ئۇرۇش. ئېفىئوپىيە ۋەتەن ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1935 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىتالىيە فاشىست ئارمىيىسى ئۈچۈ يولغا بۆلۈنۈپ ئېفىئوپىيىگە بېسىپ كىرگەن. 1936 - يىلى 5 - ئايد پايتەخت ئەددىس - ئەبېبەنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە ئېفىئوپىيە، ئېرترىيە ۋە ئىتالىيىگە قارام سۇمالىنى ئىتالىيىگە قارام شەرقىي ئافرىقا قىلىۋالغان. ئېفىئوپىيە خەلقى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتالىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسىگە زەربە بەرگەن. 1941 - يىلىنىڭ باشلىرىدا سېلاسسىيې Ⅰ سۇدان ئارقىلىق ۋەتىنىگە قايتىپ، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 5 - ئايدا ئېفىئوپىيە - ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى پايتەختىنى قايتۇرۋېلىپ، ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.